Ash-Shams

Change Language
Change Surah
Change Recitation

Uyghur: Muhammad Saleh

Play All
# Translation Ayah
1 قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى، وَالشَّمْسِ وَضُحَاهَا
2 قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى، وَالْقَمَرِ إِذَا تَلَاهَا
3 قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى، وَالنَّهَارِ إِذَا جَلَّاهَا
4 قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى، وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَاهَا
5 ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى، وَالسَّمَاء وَمَا بَنَاهَا
6 زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى، وَالْأَرْضِ وَمَا طَحَاهَا
7 روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى - يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى، وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّاهَا
8 روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى - يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى، فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا
9 روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ قَدْ أَفْلَحَ مَن زَكَّاهَا
10 نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى - فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ وَقَدْ خَابَ مَن دَسَّاهَا
11 سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِطَغْوَاهَا
12 ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى إِذِ انبَعَثَ أَشْقَاهَا
13 ئۇلارغا اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «اﷲ نىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ اللَّهِ نَاقَةَ اللَّهِ وَسُقْيَاهَا
14 ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن اﷲ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُم بِذَنبِهِمْ فَسَوَّاهَا
15 اﷲ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ وَلَا يَخَافُ عُقْبَاهَا
;