1 |
(بولۇشى ئېنىق) قىيامەت |
/content/ayah/audio/hudhaify/069001.mp3
|
الْحَاقَّةُ |
2 |
قىيامەت نېمىدۇر؟ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069002.mp3
|
مَا الْحَاقَّةُ |
3 |
قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069003.mp3
|
وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْحَاقَّةُ |
4 |
سەمۇد ۋە ئاد (قەبىلىلىرى) قىيامەتنى ئىنكار قىلدى |
/content/ayah/audio/hudhaify/069004.mp3
|
كَذَّبَتْ ثَمُودُ وَعَادٌ بِالْقَارِعَةِ |
5 |
سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى |
/content/ayah/audio/hudhaify/069005.mp3
|
فَأَمَّا ثَمُودُ فَأُهْلِكُوا بِالطَّاغِيَةِ |
6 |
ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى |
/content/ayah/audio/hudhaify/069006.mp3
|
وَأَمَّا عَادٌ فَأُهْلِكُوا بِرِيحٍ صَرْصَرٍ عَاتِيَةٍ |
7 |
اﷲ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى، (ئاد) قەۋمىنىڭ (ئۆز ماكانلىرىدا ھالاك بولۇپ) خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن |
/content/ayah/audio/hudhaify/069007.mp3
|
سَخَّرَهَا عَلَيْهِمْ سَبْعَ لَيَالٍ وَثَمَانِيَةَ أَيَّامٍ حُسُومًا فَتَرَى الْقَوْمَ فِيهَا صَرْعَى كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ خَاوِيَةٍ |
8 |
ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069008.mp3
|
فَهَلْ تَرَى لَهُم مِّن بَاقِيَةٍ |
9 |
پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە شەھەرلىرى دۈم كۆمتۈرۈىۋېتىلگەنلەر (يەنى لۇت قەۋمى) خاتا ئىشلارنى قىلدى |
/content/ayah/audio/hudhaify/069009.mp3
|
وَجَاء فِرْعَوْنُ وَمَن قَبْلَهُ وَالْمُؤْتَفِكَاتُ بِالْخَاطِئَةِ |
10 |
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى اﷲ قاتتىق جازالىدى |
/content/ayah/audio/hudhaify/069010.mp3
|
فَعَصَوْا رَسُولَ رَبِّهِمْ فَأَخَذَهُمْ أَخْذَةً رَّابِيَةً |
11 |
شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق، سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق) |
/content/ayah/audio/hudhaify/069011.mp3
|
إِنَّا لَمَّا طَغَى الْمَاء حَمَلْنَاكُمْ فِي الْجَارِيَةِ |
12 |
شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق، سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق) |
/content/ayah/audio/hudhaify/069012.mp3
|
لِنَجْعَلَهَا لَكُمْ تَذْكِرَةً وَتَعِيَهَا أُذُنٌ وَاعِيَةٌ |
13 |
بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا، |
/content/ayah/audio/hudhaify/069013.mp3
|
فَإِذَا نُفِخَ فِي الصُّورِ نَفْخَةٌ وَاحِدَةٌ |
14 |
زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتىرىلىپ (بىر - بىرىگە) ئۇرۇلۇپ (ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا، |
/content/ayah/audio/hudhaify/069014.mp3
|
وَحُمِلَتِ الْأَرْضُ وَالْجِبَالُ فَدُكَّتَا دَكَّةً وَاحِدَةً |
15 |
بۇ كۈندە چوڭ ئىش (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069015.mp3
|
فَيَوْمَئِذٍ وَقَعَتِ الْوَاقِعَةُ |
16 |
ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069016.mp3
|
وَانشَقَّتِ السَّمَاء فَهِيَ يَوْمَئِذٍ وَاهِيَةٌ |
17 |
پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە (باشلىرى) ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069017.mp3
|
وَالْمَلَكُ عَلَى أَرْجَائِهَا وَيَحْمِلُ عَرْشَ رَبِّكَ فَوْقَهُمْ يَوْمَئِذٍ ثَمَانِيَةٌ |
18 |
بۇ كۈندە سىلەر (اﷲ قا) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توغرىلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر |
/content/ayah/audio/hudhaify/069018.mp3
|
يَوْمَئِذٍ تُعْرَضُونَ لَا تَخْفَى مِنكُمْ خَافِيَةٌ |
19 |
نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): بۇ مېنىڭ نامە - ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069019.mp3
|
فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَيَقُولُ هَاؤُمُ اقْرَؤُوا كِتَابِيهْ |
20 |
نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): بۇ مېنىڭ نامە - ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069020.mp3
|
إِنِّي ظَنَنتُ أَنِّي مُلَاقٍ حِسَابِيهْ |
21 |
ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069021.mp3
|
فَهُوَ فِي عِيشَةٍ رَّاضِيَةٍ |
22 |
ئېسىل جەننەتتە بولىدۇ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069022.mp3
|
فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٍ |
23 |
ئۇنىڭ مېۋىلىرى (ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ قولىنى سوزۇپلا ئالالايدىغان دەرىجىدە) يېقىن بولىدۇ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069023.mp3
|
قُطُوفُهَا دَانِيَةٌ |
24 |
(ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال - خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069024.mp3
|
كُلُوا وَاشْرَبُوا هَنِيئًا بِمَا أَسْلَفْتُمْ فِي الْأَيَّامِ الْخَالِيَةِ |
25 |
نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە - ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ! |
/content/ayah/audio/hudhaify/069025.mp3
|
وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِشِمَالِهِ فَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُوتَ كِتَابِيهْ |
26 |
ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم! |
/content/ayah/audio/hudhaify/069026.mp3
|
وَلَمْ أَدْرِ مَا حِسَابِيهْ |
27 |
دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ! |
/content/ayah/audio/hudhaify/069027.mp3
|
يَا لَيْتَهَا كَانَتِ الْقَاضِيَةَ |
28 |
مېنىڭ مال - مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى |
/content/ayah/audio/hudhaify/069028.mp3
|
مَا أَغْنَى عَنِّي مَالِيهْ |
29 |
مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى» |
/content/ayah/audio/hudhaify/069029.mp3
|
هَلَكَ عَنِّي سُلْطَانِيهْ |
30 |
(اﷲ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار، |
/content/ayah/audio/hudhaify/069030.mp3
|
خُذُوهُ فَغُلُّوهُ |
31 |
ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار، |
/content/ayah/audio/hudhaify/069031.mp3
|
ثُمَّ الْجَحِيمَ صَلُّوهُ |
32 |
ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار» |
/content/ayah/audio/hudhaify/069032.mp3
|
ثُمَّ فِي سِلْسِلَةٍ ذَرْعُهَا سَبْعُونَ ذِرَاعًا فَاسْلُكُوهُ |
33 |
(ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى) ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ اﷲ قا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى |
/content/ayah/audio/hudhaify/069033.mp3
|
إِنَّهُ كَانَ لَا يُؤْمِنُ بِاللَّهِ الْعَظِيمِ |
34 |
مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى |
/content/ayah/audio/hudhaify/069034.mp3
|
وَلَا يَحُضُّ عَلَى طَعَامِ الْمِسْكِينِ |
35 |
بۈگۈن ئۇنىڭغا بۇ يەردە (ئۇنىڭدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان) دوست يوقتۇر |
/content/ayah/audio/hudhaify/069035.mp3
|
فَلَيْسَ لَهُ الْيَوْمَ هَاهُنَا حَمِيمٌ |
36 |
ئۇنىڭغا يىرىڭدىن باشقا تاماق يوقتۇر |
/content/ayah/audio/hudhaify/069036.mp3
|
وَلَا طَعَامٌ إِلَّا مِنْ غِسْلِينٍ |
37 |
ئۇنى پەقەت ئازغان ئادەملەرلا (يەنى كاپىرلارلا) يەيدۇ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069037.mp3
|
لَا يَأْكُلُهُ إِلَّا الْخَاطِؤُونَ |
38 |
مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن) |
/content/ayah/audio/hudhaify/069038.mp3
|
فَلَا أُقْسِمُ بِمَا تُبْصِرُونَ |
39 |
مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن) |
/content/ayah/audio/hudhaify/069039.mp3
|
وَمَا لَا تُبْصِرُونَ |
40 |
بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۈرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (اﷲ تەرىپىدىن يەتكۈزگەن) سۆزىدۇر |
/content/ayah/audio/hudhaify/069040.mp3
|
إِنَّهُ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ |
41 |
ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر، سىلەر ناھايىتى ئاز ئىشىنىسىلەر |
/content/ayah/audio/hudhaify/069041.mp3
|
وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَاعِرٍ قَلِيلًا مَا تُؤْمِنُونَ |
42 |
ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، سىلەر ئاز ۋەز - نەسىھەت ئالىسىلەر |
/content/ayah/audio/hudhaify/069042.mp3
|
وَلَا بِقَوْلِ كَاهِنٍ قَلِيلًا مَا تَذَكَّرُونَ |
43 |
(ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر |
/content/ayah/audio/hudhaify/069043.mp3
|
تَنزِيلٌ مِّن رَّبِّ الْعَالَمِينَ |
44 |
ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا، |
/content/ayah/audio/hudhaify/069044.mp3
|
وَلَوْ تَقَوَّلَ عَلَيْنَا بَعْضَ الْأَقَاوِيلِ |
45 |
ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق |
/content/ayah/audio/hudhaify/069045.mp3
|
لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِالْيَمِينِ |
46 |
ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق |
/content/ayah/audio/hudhaify/069046.mp3
|
ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ الْوَتِينَ |
47 |
سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى |
/content/ayah/audio/hudhaify/069047.mp3
|
فَمَا مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَاجِزِينَ |
48 |
شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر |
/content/ayah/audio/hudhaify/069048.mp3
|
وَإِنَّهُ لَتَذْكِرَةٌ لِّلْمُتَّقِينَ |
49 |
بىز شەك - شۈبھىسىز بىلىمىزكى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (قۇرئان ئايەتلىرى شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلار بار |
/content/ayah/audio/hudhaify/069049.mp3
|
وَإِنَّا لَنَعْلَمُ أَنَّ مِنكُم مُّكَذِّبِينَ |
50 |
قۇرئان كاپىرلارغا (ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئازابىنى كۆرگەن چاغدا) ئەلۋەتتە ھەسرەت بولىدۇ |
/content/ayah/audio/hudhaify/069050.mp3
|
وَإِنَّهُ لَحَسْرَةٌ عَلَى الْكَافِرِينَ |
51 |
قۇرئان، مۇقەررەركى شەكسىز ھەقىقەتتۇر |
/content/ayah/audio/hudhaify/069051.mp3
|
وَإِنَّهُ لَحَقُّ الْيَقِينِ |
52 |
ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن |
/content/ayah/audio/hudhaify/069052.mp3
|
فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ |