An-Najm

Change Language
Change Surah
Change Recitation

Uyghur: Muhammad Saleh

Play All
# Translation Ayah
1 ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى، وَالنَّجْمِ إِذَا هَوَى
2 سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمْ وَمَا غَوَى
3 (ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ وَمَا يَنطِقُ عَنِ الْهَوَى
4 پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَى
5 ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى عَلَّمَهُ شَدِيدُ الْقُوَى
6 ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى ذُو مِرَّةٍ فَاسْتَوَى
7 ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى وَهُوَ بِالْأُفُقِ الْأَعْلَى
8 ئاندىن ئۇ ئاستا - ئاستا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) يېقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى ثُمَّ دَنَا فَتَدَلَّى
9 ئۇ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى فَكَانَ قَابَ قَوْسَيْنِ أَوْ أَدْنَى
10 اﷲ بەندىسىگە (جىبرىئىل ئارقىلىق تېگىشلىك) ۋەھيىلەرنى ۋەھىي قىلدى فَأَوْحَى إِلَى عَبْدِهِ مَا أَوْحَى
11 ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى (يەنى راست كۆردى) مَا كَذَبَ الْفُؤَادُ مَا رَأَى
12 (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر؟ أَفَتُمَارُونَهُ عَلَى مَا يَرَى
13 ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى وَلَقَدْ رَآهُ نَزْلَةً أُخْرَى
14 ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى عِندَ سِدْرَةِ الْمُنْتَهَى
15 جەننەتۇلمەئۋا بولسا سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدىدۇر عِندَهَا جَنَّةُ الْمَأْوَى
16 (ئۇ) سىدرەتۇلمۇنتەھانى (ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى) قاپلىغان چاغدا (كۆردى) إِذْ يَغْشَى السِّدْرَةَ مَا يَغْشَى
17 (پەيغەمبەر) نىڭ كۆزى (ئوڭ - سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەن نەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى مَا زَاغَ الْبَصَرُ وَمَا طَغَى
18 شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى) كۆردى لَقَدْ رَأَى مِنْ آيَاتِ رَبِّهِ الْكُبْرَى
19 ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (اﷲ تائالادەك كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟) أَفَرَأَيْتُمُ اللَّاتَ وَالْعُزَّى
20 ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (اﷲ تائالادەك كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟) وَمَنَاةَ الثَّالِثَةَ الْأُخْرَى
21 (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) (سىلەرچە ياخشى ھېسابلانغان) ئوغۇل بالا سىلەرگە خاس بولۇپ، (سىلەرچە يامان ھېسابلانغان) قىز بالا اﷲ قا خاسمۇ؟ أَلَكُمُ الذَّكَرُ وَلَهُ الْأُنثَى
22 ئۇنداقتا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر تِلْكَ إِذًا قِسْمَةٌ ضِيزَى
23 بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا - بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت، اﷲ بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر دەلىل - پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن شەك - شۈبھىسىز ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە قۇرئان) كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ إِنْ هِيَ إِلَّا أَسْمَاء سَمَّيْتُمُوهَا أَنتُمْ وَآبَاؤُكُم مَّا أَنزَلَ اللَّهُ بِهَا مِن سُلْطَانٍ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَمَا تَهْوَى الْأَنفُسُ وَلَقَدْ جَاءهُم مِّن رَّبِّهِمُ الْهُدَى
24 ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ أَمْ لِلْإِنسَانِ مَا تَمَنَّى
25 ئاخىرەت ۋە دۇنيا اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ خاھىشى بويىچە بولىدۇ) فَلِلَّهِ الْآخِرَةُ وَالْأُولَى
26 ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت اﷲ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ وَكَم مِّن مَّلَكٍ فِي السَّمَاوَاتِ لَا تُغْنِي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئًا إِلَّا مِن بَعْدِ أَن يَأْذَنَ اللَّهُ لِمَن يَشَاء وَيَرْضَى
27 شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلار پەرىشتىلەرنى (اﷲ نىڭ قىزلىرى دەپ) چىشى جىنس نامى بىلەن ئاتايدۇ إِنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ لَيُسَمُّونَ الْمَلَائِكَةَ تَسْمِيَةَ الْأُنثَى
28 ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ وَمَا لَهُم بِهِ مِنْ عِلْمٍ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنَّ الظَّنَّ لَا يُغْنِي مِنَ الْحَقِّ شَيْئًا
29 بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئان) دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن فَأَعْرِضْ عَن مَّن تَوَلَّى عَن ذِكْرِنَا وَلَمْ يُرِدْ إِلَّا الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
30 ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ ذَلِكَ مَبْلَغُهُم مِّنَ الْعِلْمِ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اهْتَدَى
31 ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، (اﷲ) يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ أَسَاؤُوا بِمَا عَمِلُوا وَيَجْزِيَ الَّذِينَ أَحْسَنُوا بِالْحُسْنَى
32 ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، اﷲ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى (ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ، ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالا) ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، اﷲ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ الَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ إِلَّا اللَّمَمَ إِنَّ رَبَّكَ وَاسِعُ الْمَغْفِرَةِ هُوَ أَعْلَمُ بِكُمْ إِذْ أَنشَأَكُم مِّنَ الْأَرْضِ وَإِذْ أَنتُمْ أَجِنَّةٌ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ فَلَا تُزَكُّوا أَنفُسَكُمْ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اتَّقَى
33 (ئى مۇھەممەد!) ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىن خەۋەر بەرگىن أَفَرَأَيْتَ الَّذِي تَوَلَّى
34 ئۇ (شەرت قىلىنغان مالدىن) ئازغىنا بەردى، قالغىنىنى بەرمىدى وَأَعْطَى قَلِيلًا وَأَكْدَى
35 ئۇنىڭ دەرگاھىدا ئىلمىي غەيب بولۇپ، ئۇ غەيبنى بىلەمدۇ؟ أَعِندَهُ عِلْمُ الْغَيْبِ فَهُوَ يَرَى
36 ئۇ مۇسانىڭ ۋە ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى سۆزدىن خەۋەردار بولمىدىمۇ؟ أَمْ لَمْ يُنَبَّأْ بِمَا فِي صُحُفِ مُوسَى
37 ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ) وَإِبْرَاهِيمَ الَّذِي وَفَّى
38 ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ) أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى
39 ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى
40 ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ) وَأَنَّ سَعْيَهُ سَوْفَ يُرَى
41 ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ ثُمَّ يُجْزَاهُ الْجَزَاء الْأَوْفَى
42 ھەممىنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر وَأَنَّ إِلَى رَبِّكَ الْمُنتَهَى
43 اﷲ ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ وَأَنَّهُ هُوَ أَضْحَكَ وَأَبْكَى
44 اﷲ ئۆلتۈرۈشكە ۋە تىرىلدۈرۈشكە قادىر وَأَنَّهُ هُوَ أَمَاتَ وَأَحْيَا
45 اﷲ بىر جۈپنى - ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى وَأَنَّهُ خَلَقَ الزَّوْجَيْنِ الذَّكَرَ وَالْأُنثَى
46 ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن (ياراتتى) مِن نُّطْفَةٍ إِذَا تُمْنَى
47 (ھېساب ئۈچۈن ئىنسانلارنى) ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى وَأَنَّ عَلَيْهِ النَّشْأَةَ الْأُخْرَى
48 اﷲ ئىنساننى باي قىلالايدۇ ۋە مەمنۇن قىلالايدۇ وَأَنَّهُ هُوَ أَغْنَى وَأَقْنَى
49 اﷲ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر وَأَنَّهُ هُوَ رَبُّ الشِّعْرَى
50 ئۇ (يەنى اﷲ) قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى وَأَنَّهُ أَهْلَكَ عَادًا الْأُولَى
51 سەمۇدنىمۇ (ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى وَثَمُودَ فَمَا أَبْقَى
52 ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلغان ئىدى)، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى وَقَوْمَ نُوحٍ مِّن قَبْلُ إِنَّهُمْ كَانُوا هُمْ أَظْلَمَ وَأَطْغَى
53 لۇد قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى وَالْمُؤْتَفِكَةَ أَهْوَى
54 لۇد قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى فَغَشَّاهَا مَا غَشَّى
55 (ئى ئىنسان!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟ فَبِأَيِّ آلَاء رَبِّكَ تَتَمَارَى
56 بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر هَذَا نَذِيرٌ مِّنَ النُّذُرِ الْأُولَى
57 قىيامەت يېقىنلاشتى أَزِفَتْ الْآزِفَةُ
58 ئۇنىڭغا اﷲ تىن باشقا كەشىپ قىلغۇچى (يەنى ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈچى ياكى ئۇنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلغۇچى يوقتۇر لَيْسَ لَهَا مِن دُونِ اللَّهِ كَاشِفَةٌ
59 (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) مەسخىرە قىلىپ بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ أَفَمِنْ هَذَا الْحَدِيثِ تَعْجَبُونَ
60 (ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) كۆلەمسىلەر؟ يىغلامسىلەر؟ وَتَضْحَكُونَ وَلَا تَبْكُونَ
61 سىلەر غاپىلدۇرسىلەر وَأَنتُمْ سَامِدُونَ
62 اﷲ قا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار فَاسْجُدُوا لِلَّهِ وَاعْبُدُوا
;